ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
مۇغىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كاتىپى ۋەرراد مۇنداق دەيدۇ: مۇغىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇغا ئەۋەتىدىغان خەتنى ماڭا يازدۇردى: «ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن كېيىن مۇنداق دەيتتى:«لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهُمَّ لَا مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلَا مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلَا يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ»تەرجىمىسى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ يەككە يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئى ئاللاھ! سىلە بىر نەرسە ئاتا قىلسىلا ئۇنى چەكلىگۈچى يوق، سىلە چەكلىسىلە ئۇنى ئاتا قىلغۇچى يوقتۇر، سىلىنىڭ كاتتىلىقلىرى ئالدىدا باشقىلارنىڭ كاتتىلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ».
Explanation
يەنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى ئىقرار قىلىمەن ۋە ئېتىراپ قىلىمەن. ھەقىقى ئىبادەتنى ئاللاھ ئۈچۈن ئىسپاتلايمەن ۋە ئاللاھدىن باشقا باتىللاردىن چەكلەيمەن. ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ھەقىقى تولۇق مۇلكىيەت -ئىگىدارچىلىقنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىمەن. ئاسمانلار ۋە زېمىنلەردىكى بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان-بېكىتكەن ئاتا-ئېھساننى چەكلىگۈچى ۋە رەت قىلغۇچى يوق، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى ئالدىدا باشقىلارنىڭ كاتتىلىقى ياكى بايلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ھەقىقەتەن پايدىسى بولىدىغىنى ياخشى ئەمەلدۇر.
Benefits
سۈننەتكە ئەگىشىش ۋە ئۇنى تارقىتىشقا ئالدىراش.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

