ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن نامازنى ئۆزۈم بىلەن بەندەم ئارىسىدا يېرىمدىن تەقسىم قىلدىم، بەندەمگە سورىغاننى بېرىمەن
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن نامازنى ئۆزۈم بىلەن بەندەم ئارىسىدا يېرىمدىن تەقسىم قىلدىم، بەندەمگە سورىغاننى بېرىمەن، بەندە: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم ماڭا ھەمدۇسانا ئېيتتى دەيدۇ. بەندە: «ئاللاھ تائالا ناھايتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىكتۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى مەدھىيەلىدى دەيدۇ. بەندە: «قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى دەيدۇ، يەنە بىر قېتىم: بەندەم ئىشىنى ماڭا تاپشۇردى دەيدۇ. بەندە:«ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ مەن بىلەن بەندەم ئارىسىدىكى ئىشتۇر، بەندەمگە سورىغىنىنى بېرىمەن دەيدۇ. بەندە:«بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ بەندەم ئۈچۈن، بەندەمگە سورىغىنىنى بېرىمەن دەيدۇ».
Explanation
پاتىھەنىڭ بىرىنچى يېرىمى: ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ ئۇ كىشىنى ياخشى مۇكاپاتلايدۇ.
ئىككىنچى يېرىمى بولسا: ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇش، دۇئا قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ ۋە سورىغان ھاجىتىنى بېرىدۇ.
ناماز ئادا قىلغۇچى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم ماڭا ھەمدۇسانا ئېيتتى دەيدۇ. «ئاللاھ تائالا ناھايتى مېھرىبان ۋە شەپىقەتلىكتۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى مەدھىيەلىدى، ماختىدى، مەخلۇقاتلىرىمغا ئاتا قىلىدىغان ئومۇمى نېمەتنىڭ مېنىڭدىن بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى دەيدۇ. «قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى، بۇ چەكسىز شەرەپ دەيدۇ.
«ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ مەن بىلەن بەندەم ئارىسىدىكى ئىشتۇر دەيدۇ.
سۈرىنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمى «ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز»دېگەن ئايەتكىچە بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيەتتە يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئىبادەت قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلىش بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئايەتنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن بولغان يېرىمى ئاخىرلىشىدۇ.
سۈرىنىڭ بەندە ئۈچۈن بولغان ئىككىنچى يېرىمى بولسا: «سەندىنلا ياردەم سورايمىز» مەدەد، ياردەمنى ئاللاھتىنلا سوراش بولۇپ، ئاللاھ ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى.
بەندە: بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ بەندەمدىن قىلىنغان دۇئا ۋە يالۋۇرۇشتۇر، بەندەمگە سورىغىنىنى بېرىمەن، تېلىكىنى ئىجابەت قىلىمەن دەيدۇ».
Benefits
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە ئىنتايىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، بەندە ئاللاھ تائالانى ماختىغاندا، ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ ئۆزىنى ماختىغانلىقى، مەدھىيەلىگەنلىكى ۋە ئۇلۇغلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا سورىغان نەرسىسىنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
بۈ ئېسىل سۈرە ئاللاھنى مەدھىيەلەش، قىيامەتنى ئەسلەش، ئاللاھقا دۇئا قىلىش، ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن قىلىش، توغرا يولغا باشلاشنى سوراش، باتىل يوللاردا مېڭىپ قىلىشتىن ساقلىشىنى تىلەشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ناماز ئادا قىلغۇچى پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغاندا مۇشۇ ھەدىسنى ھېس قىلسا ئۇ كىشىنىڭ نامازدىكى خۇشۇسى زىيادە بولىدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

