ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرى، ئەجدادلىرى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككە پەتىھ قىلىنغان كۈنى كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: « ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرى، ئەجدادلىرى بىلەن پەخىرلىنىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى يوق قىلىۋەتتى. ئىنسانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، ياخشى، تەقۋادار، ئاللاھنى سۆيگەن ئېسىل كىشىلەر. يەنە بىرى: پاسىق، بەختسىز، ئاللاھقا ئېتىبارسىز قارايدىغان كىشىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەۋلادىدۇر. ئاللاھ تائالا ئادەمنى توپىدىن ياراتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت].
Explanation
بىرى ئاللاھ تائالاغا تائەت -ئىبادەت قىلىدىغان، تەقۋادار ياخشى مۇئمىن بولۇپ، گەرچە ئۇ كىشى كىشىلەر ئارىسىدا ئابرۇيلۇق، ئېسىل نەسەپلىك كىشى بولمىسىمۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئېسىلدۇر.
بىرى كاپىر، پاجىر، بەختسىز-شەقىيدۇر. گەرچە ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا يۈز-ئابرۇيلۇق، ئەمەل-مەنسىپى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارسىز، ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغان كىشىدۇر.
ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاللاھ تائالا ئادەمنى توپىدىن ياراتتى، ئەسلى ماددىسى توپا بولغان بىر مەخلۇقنىڭ باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىشى، ئۆزىدىن پەخىرلىنىشى توغرا بولمايدۇ. بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى تەستىقلايدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.» [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت].
Benefits
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

