سەن ئۇنىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: سەن دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس، بەلكى سەن جەننەت ئەھلىدىن» دېگىن دېگەن كاتتا بىشارەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە سابىتنىڭ ئۆيىگە باردى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سابىت بىن قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بىر قانچە كۈن كۆرمىگەندىن كېيىن سۈرۈشتە قىلدى، بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن سىلىگە ئۇنىڭ خەۋېرىنى ئۇقۇشۇپ كېلەي دەپ سابىتنىڭ ئۆيىگە كەلسە، سابىت ئۆيىدە بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ كىشى سابىتتىن: ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىغاندا، سابىت: بەك يامان بولدى، سابىت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۈستىدە ئۈنلۈك سۆز قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتتى، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كەتتى دېدى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سەن ئۇنىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: سەن دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس، بەلكى سەن جەننەت ئەھلىدىن» دېگىن دېگەن كاتتا بىشارەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە سابىتنىڭ ئۆيىگە باردى».
Explanation
ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ بولغان ئەھۋالنى خەۋەر قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى قايتىدىن سابىتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ئۇنىڭ دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس بەلكى جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا خۇش بىشارەت يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى. ئۇنداق بولىشى، ئۇنىڭ ئاۋازى ئەسلى تەبىئىتىدىن ئۈنلۈك ۋە يۇقىرى ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئەنسارىيلارنىڭ نۇتۇق سۆزلىگۈچىسى ئېدى.
Benefits
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا كۆڭۈل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بىرەتتى.
ساھابىلار (ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۇلارغا بولسۇن) ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتي.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئەدەپ بىلەن سۆز قىلىش ۋاجىپ بولغاندەك، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ھەدىسلىرىنى ئاڭلىغاندا ئەدەپنى لازىم تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

