HadeethEnc · 1.4.0
مۇناپىق دېگەن: ئىككى توپ قوينىڭ ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇ تەرەپكە يەنە بىر قىتىم بۇ تەرەپكە كېلىپ تۇرىدىغان سەرگەردان قويغا ئوخشايدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇناپىق دېگەن: ئىككى توپ قوينىڭ ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇ تەرەپكە يەنە بىر قىتىم بۇ تەرەپكە كېلىپ تۇرىدىغان سەرگەردان قويغا ئوخشايدۇ».
02
Explanation
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇناپىقنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۇنى ئىككى پادا قوينىڭ قايسىسىغا ئەگىشىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان سەرگەردان قويغا ئوخشاتتى. بىر قېتىم بۇ تەرەپتىكى قويلارنىڭ يېنىغا بارىدۇ يەنە بىر قېتىم ئۇ تەرەپتىكى قويلارنىڭ يېنىغا بارىدۇ. مۇناپىقلار ئىمان بىلەن كۇپىرنىڭ ئارىسىدا گاڭگىراپ قالغۇچىدۇر، ئۇلار ئىچكى-تاشقى جەھەتتە مۇئمىنلەر بىلەنمۇ ئەمەس ۋە كاپىرلار بىلەنمۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە شەك ۋە ئىككىلىنىش بار، بەزى ۋاقىتتا مۇئمىنلەرگە مايىل بولىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتتا كاپىرلارغا مايىل بولىدۇ.
03
Benefits
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىتلاردا مىسال بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى.
مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىككىلىنىش، شەكلىنىش، ئىزتىراپلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئىماندا سەمىمى ۋە كەسكىن، زاھىرى ۋە باتىنى ئەمەللەردە راستچىل بولۇش.
مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىككىلىنىش، شەكلىنىش، ئىزتىراپلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئىماندا سەمىمى ۋە كەسكىن، زاھىرى ۋە باتىنى ئەمەللەردە راستچىل بولۇش.
Attribution
[مۇسلىم رىۋايىتى]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

