HadeethEnc · 1.4.0
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشىنى ياخشى كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشىنى ياخشى كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ».
02
Explanation
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىبادەت ۋە ئەھكاملاردىن سەپەردە ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش، تۆت رەكئەتلىك نامازلارنى قەسىر قىلىپ ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇش قاتارلىق ئۈزۈرلۈك كىشىلەرگە يەڭگىللىتىلگەن ھۆكۈمنى ئادا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا پەرز، ۋاجىپقا ئوخشاش كەسكىن ئىشلارنى ئادا قىلىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ۋە رۇخسەت قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى بىردۇر.
03
Benefits
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىدىن: ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويغان رۇخسەت ئىشلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەلىكىدىن: شەرىئەت مۇسۇلمانلاردىن قىيىنچىلىقلارنى كۆتۈرىۋېتىدۇ.
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەلىكىدىن: شەرىئەت مۇسۇلمانلاردىن قىيىنچىلىقلارنى كۆتۈرىۋېتىدۇ.
Attribution
[ئىبنى ھىببان رىۋايىتى]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

