سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، قەلبى بىلەن نارازى بولۇش بولسا ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئىپادىسىدۇر
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، قەلبى بىلەن نارازى بولۇش بولسا ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئىپادىسىدۇر»
Explanation
Benefits
مۇنكەرنى ئۆزگەرتىش تەدرىجى بولىدۇ، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدىرتى ۋە دائىرىسى بويىنچە ئادا قىلىدۇ.
مۇنكەرنى ئۆزگەرتىش دىندىكى ئەڭ چوڭ ئىش بولۇپ، بۇ ھېچ كىشىدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ تاقىتى بويىنچە ئادا قىلىشقا بۇيرىلىدۇ.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەش ئىماننىڭ خىسلەتلىرىدىن بولۇپ، ئىمان ياخشىلىق بىلەن زىيادە بولىدۇ، يامانلىق بىلەن كەمىيدۇ.
مۇنكەر ئىشنى چەكلەشتە: ئاشۇ ئىشنىڭ مۇنكەر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىش شەرت قىلىنىدۇ.
مۇنكەر ئۆزگەرتىشتە ئۆزگەرتكەن مۇنكەردىن كاتتىراق يەنە بىر مۇنكەر كىلىپ چىقماسلىق شەرت قىلىنىدۇ.
مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەدەپ ۋە شەرتلىرى بولىدۇ، مۇسۇلماننىڭ ئۇنى بىلىشي كېرەك.
مۇنكەرنى ئۆزگەرتىش شەرئى سىياسەت، ئىلىم-مەرىپەت ۋە ئەقىل-پاراسەتكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
مۇنكەرنى دىلى بىلەنمۇ يامان كۆرمەسلىك ئىماننىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

