HadeethEnc · 1.4.0
غەيرى دىندىكى ئەمىنلىك بېرىلگەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن كىشى گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق مۇساپىدىن پۇرىغىلى بولسىمۇ، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «غەيرى دىندىكى ئەمىنلىك بېرىلگەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن كىشى گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق مۇساپىدىن پۇرىغىلى بولسىمۇ، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدۇ».
02
Explanation
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەمىنلىك بېرىلىپ ئىسلام دىيارىغا كىرگەن غەيرى دىندىكى ئىنساننى ئۆلتۈرگەن كىشىگە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقىنى، گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق ئارىلىقتىن پۇرىغىلى بولسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
03
Benefits
كاپىرلاردىن ئەمىنلىك بېرىلگەن، كېلىشىم قىلىنغان، ئەھدە قىلىشقان كىشىنى ئۆلتۈرۈش ھارامدۇر، شۇنداقلا ئۇ چوڭ گۇناھلاردىندۇر.
ئەھدە قىلىشقان دېگەن: كاپىرلاردىن مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلمايدىغان، مۇسۇلمانلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلمايدىغان، (يەنى ئۆزئارا تېنچلىق ئۆرنىتىلغان) مۇسۇلمانلار يۇرتىدا مۇقىم تۇرىدىغانغا ۋەدە ئېلىنغان كىشىدۇر. زىممىي دېگەن: مۇسۇلمانلار يۇرتىدا ئىقامەت بىلەن ياشاپ يىللىق پۇل تۆلەيدىغان كىشى. ئەمىنلىك بېرىلگۈچى دېگەن: مۇسۇلمانلار دىيارىغا مالۇم مۇددەت تۇرۇش ئۈچۈن ۋىيزا بىلەن كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان كىشىدۇر.
غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن قىلىشقان ئەھدىگە خىيانەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.

Attribution
[بۇخارى رىۋايىتى]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares