HadeethEnc · 1.4.0
كىمكى مېيىتنى يۇيۇپ، مېيىتنىڭ بەدىنىدىكى يامان ئەھۋالنى بىراۋغا پاش قىلمىسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھىنى قىرىق نۆۋەت مەغپىرەت قىلىدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبۇ راپىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمىكى مېيىتنى يۇيۇپ، مېيىتنىڭ بەدىنىدىكى يامان ئەھۋالنى يوشۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھىنى قىرىق نۆۋەت مەغپىرەت قىلىدۇ»
02
Explanation
بۇ ھەدىستە مېيىت يۇغاننىڭ ۋە مېيىت بەدىنىدە بىرەر ئەيىپنى كۆرسە ئۇنى يوشۇرغاننىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ، مېيىتتىن كۆرۈلگەن ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچى تۈرى، مېيىتنىڭ ئۆز ھالىتىگە ئالاقىدار بولغىنى، ئىككىنچى تۈرى: مېيىتنىڭ بەدىنىگە ئالاقىدار بولغىنىدۇر. بىرىنچىسى: ئەگەر مېيىتنىڭ چىرايىدا ئۆزگۈرۈشنى، رەڭگىنىڭ قارىداپ، شەكلىنىڭ سەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، ئاللاھ ھەممەيلەننى بۇنداق ئاقىۋەتتىن ساقلىسۇن، مېيىت يۇغۇچىنىڭ باشقىلارغا: مەن پالانىنى يۇغاندا ئۇنىڭدا مۇنداق، مۇنداق سۈپەتلەرنى كۆردۈم دەپ ئۇنىڭ يامان سۈپەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارىنىڭ تەرىپىگە يول ئالغان، ئۆزىگە مۇناسىپ پەزىلەت ياكى ئادالەت بىلەن جازالىنىدىغان كىشىنىڭ ئەيىۋىنى ئېچىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىككىنچىسى: مېيىتنىڭ ئۇچىسىدا بىرەر ئەيىپنى كۆرگەن بولسا، ھاياتىدا ئۇنى كىشىلەردىن يوشۇرغان بولسا، يوشۇرغۇچىغا قىرىق نۆۋەتلىك كەچۈرۈمدىن ئىبارەت كاتتا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ
Attribution
[بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

