HadeethEnc · 1.4.0
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولى بىلەن ھېچ نەرسىنى ئۇرۇپ باققان ئەمەس، ئايالىنىمۇ، خىزمەتچىسىنىمۇ ئۇرۇپ باقمىغان، پەقەت ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغاندىلا دۈشمەننى ئۇرغان
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن ھېچ نەرسىنى ئۇرۇپ باققان ئەمەس، ئايالىنىمۇ، خىزمەتچىسىنىمۇ ئۇرۇپ باقمىغان. پەقەت ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغاندىلا دۈشمەننى ئۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچ كىمدىن ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەت ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمايتتى، پەقەت ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقى ئېتىبارغا ئېلىنمىسا، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىنتىقام ئالاتتى" دەپ، رىۋايەت قىلىندى
02
Explanation
ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھېچ قانداق بىر ۋاقىتتا بىرەر ھايۋان ياكى باشقا نەرسىلەرنى، ئاياللىرىنى ۋە خىزمەتچىلىرىنىمۇ ئۇرمىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن بولۇپ، چۈنكى كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ئادىتىدە ئاياللىرى بىلەن خىزمەتچىلىرىنى ئۇرۇش ئادەت بولۇپ قالغان، مۇشۇنداق ئادەت تۇرۇقلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن خىزمەتچىسىنى ئۇرمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەلۋەتتە باشقا جانلىقلارنىمۇ ئۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغاندا دۈشمەنلەرنى ئۇراتتى، ھېچ كىشىدىن ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەت ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمايتتى، ئوھۇد ئۇرۇشىدا كاپىرلار ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى، ئۇتتۇر چىشىنى سۇندۇرىۋەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئەزىيەتلەر كەلدى، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى، بولدى قىلىۋەتتى، كەڭ قورساقلىق قىلدى، ھېچ كىشىدىن ئىنتىقام ئالمىدى، پەقەت ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقى ئېتىبارغا ئېلىنمىسا، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىنتىقام ئالاتتى
Attribution
[ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

