ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولدى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
بۇرەيدە بىن ھۇسەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەسىر نامىزىنى دەل ۋاقتىدا ئادا قىلىڭلار، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولدى».
Explanation
Benefits
ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغانلىقى، بۇ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشنىڭ جىنايىتى باشقا نامازلارنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەندىن ئېغىر بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى ئەسىر نامىزى بولسا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مەخسۇس بۇيرىغان ئوتتۇردىكى نامازدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿حَافِظُواْ عَلَى الصَّلَوَاتِ والصَّلاَةِ الْوُسْطَى﴾ تەرجىمىسى: «(بەش) نامازغا بولۇپمۇ نامازدىگەرگە ئەھمىيەت بېرىڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار).» [سۈرە بەقەرە 238-ئايەت].
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

