قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇئمىن پورتۇقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى تاتلىق ۋە تەمىمۇ تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇئمىن پورتۇقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى تاتلىق ۋە تەمىمۇ تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇناپىق رەيھان گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشپۇراق، تەمى ئاچچىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇناپىق ئاچچىق تاۋۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى ئاچچىق بولىدۇ».
Explanation
بىرىنچى تۈردىكى: قۇرئان ئوقۇيالايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغان مۇئمىن دېگەن؛ رەڭگى چېرايلىق، تەمى تاتلىق ۋە خۇشپۇراق پورتىقال مېۋىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدۇ، ئۇ كىشى ئوقۇغىنىغا ئەمەل قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۇ كىشىدىن مەنپەئەت ئالىدۇ.
ئىككىنچى تۈرى: قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن، بۇ كىشى خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق بولىدۇ، خۇددى خورما كىشىلەرگە خۇش پۇراق بىرەلمىسىمۇ ئۆزىنىڭ تەمىدە تاتلىق بىر تەمنى ئۆز ئېچىگە ئالغاندەك، مۇئمىننىڭ دىلىمۇ ئىماننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ،
ئۈچىنچى تۈردىكى: قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇناپىق، ئۇ رەيھان گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى ئاچچىق، ئىمان بىلەن دىلى تۈزەلمىگەن، قۇرئان روھى بويىنچە ئەمەل قىلمىغان، كىشىلەر ئارىسىدا مۇئمىندەك كۆرۈنىدۇ، پۇرىقىنىڭ تاتلىق بولىشى ئوقۇغان تىلاۋېتىگە ئوخشايدۇ، تەمىنىڭ ئاچچىق بولىشى يوشۇرغان كۆپرىغا ئوخشايدۇ.
تۆتىنچى تۈرى: قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇناپىق، بۇ توڭ تاۋۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ھېچ بىر پۇرىقىمۇ يوق، تەمى ئاچچىق، پۇرىقىنىڭ بولماسلىقى قۇرئان ئوقۇيالماسلىقىغا ئوخشايدۇ، تەمىنىڭ ئاچچىقلىقى يوشۇرغان كۇپىرنىڭ زەھىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئېچى ئىماندىن خالى، سېرتقى كۆرۈنىشىدىمۇ مەنپەئەت يوق، بەلكى ئۇ ھەر تەرەپتىن زىيانلىقتۇر.
Benefits
چۈشەنچىنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىسال بايان قىلىپ بېرىشمۇ تەلىم-تەربىيە ئۇسلۇبىدىندۇر.
مۇسۇلماننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن كۈندىلىك ئوقۇيدىغان ۋەزىپىسى بولىشى كېرەك.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

