ۋاي خۇدايىم، ۋاي خۇدايىم، مانا بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى، مانا بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى، ئۇنداق قىلمىغىن! لېكىن ئەگەر خورما سېتىۋالماقچى بولساڭ، سەن ئۆزۈڭنىڭ خورماڭنى ئايرىم سېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ پۇلىغا خالىغان خورماڭنى سېتىۋالغىن
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بەرنىي دېگەن خورمىدىن ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سەن بۇنى نەدىن ئەكەلدىڭ؟ دەپ سورىدى، بىلال: بىزنىڭ ناچار خورمىمىز بار ئىدى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېيىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىككى سانى بۇنىڭدىن بىر ساغا ئالماشتۇردۇم، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ۋاي خۇدايىم، ۋاي خۇدايىم، مانا بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى، مانا بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى، ئۇنداق قىلمىغىن! لېكىن ئەگەر خورما سېتىۋالماقچى بولساڭ، سەن ئۆزۈڭنىڭ خورماڭنى ئايرىم سېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ پۇلىغا خالىغان خورماڭنى سېتىۋالغىن!
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

