HadeethEnc · 1.4.0
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەفىييەنى ئازاد قىلىپ، ئازادلىقىنى ئۇنىڭ تويلۇق مەھرى قىلدى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەفىييەنى ئازاد قىلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىلىشىنى ئۇنىڭ مىھرى ھەققى قىلدى
02
Explanation
ھۇيەينىڭ قىزى سەفىييە- ھۇيەي بەنى نەزىر يەھۇدىلىرىنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن بىرى- كىنانە ئىبنى ئەبۇ ھۇقىيقنىڭ ئايالى ئىدى، ئۇ خەيبەر ئۇرىشىدا ئۆلتۈرۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەرنى ئازاد قىلغان ۋاقىتتا، خەيبەردىكى ئاياللار ۋە بالىلار مۇسۇلمانلارنىڭ قۇللىرى بولدى، سەفىييەمۇ شۇ قۇللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ دىھيە ئىبنى خەلىيفە ئەلكەلبى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەقسىم قېلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر دېدەكنى بېرىپ، سەفىييەنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ ۋە يوقالغان ئىززىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ ئۆزىگە تاللىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېسىللىقىدىن، ئۇنىڭ بىلەن خار قۇل ھالەتتە مەنپەئەتلىنىش بىلەن كۇپايە قىلماستىن بەلكى ئۇنى قۇللۇق خارلىقىدىن قۇتقۇزۇپ ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدىن بىرى قىلىش بىلەن ئۇنىڭ ئىززىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىپ ئەمرىگە ئالدى، ئۇنىڭ ئازادلىقىنى تويلۇق مىھرى قىلدى
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

