قۇشلارنىڭ ئۇچىشىغا كۆرە ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى بېكىتكەن، رەمبال-پالچىلىق قىلغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىشەنگەن، سىھېر قىلغان ياكى قىلدۇرغان
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئىمران بىن ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇشلارنىڭ ئۇچىشىغا كۆرە ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى بېكىتكەن، رەمبال-پالچىلىق قىلغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىشەنگەن، سىھېر قىلغان ياكى قىلدۇرغان، بىر نەرسىلەرنى چېگىپ ئۇنىڭغا سېھر قىلغان، رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ھاجىتىنى سوراپ ئۇنىڭ گىپىگە ئىشەنگەن كىشى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ھەق دىنغا ئىنكار قىلغان بولدى».
Explanation
بىرىنچى: «كىمكى قۇش ئۇچۇرسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار قۇش ئۇچۇرسا» دېگەن سۆزدىن بولغان مەقسەت: جاھىلەت دەۋرىدە سەپەر، تىجارەت ۋە باشقا ئىشلارنى باشلايدىغان ۋاقىتتا، قۇشنى قويۇپ بېرەتتى، ئەگەر قۇش ئوڭ تەرەپكە ئۇچسا بۇنىڭدىن ياخشىلىق بولىدۇ دەپ ئىشنى داۋاملاشتۇراتتى، ئەگەر قۇش سول تەرەپكە ئۇچسا، بۇنىڭدىن شۇم پال ئېلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىدىن ۋاز كىچەتتى. بۇ تۈردىكى ئىشلارنى ئۆزى قىلسىمۇ ياكى باشقىلارغا قىلدۇرسىمۇ توغرا بولمايدۇ. كۆزى كۆرگەن ۋە قۇلىقى ئاڭلىغان ھەر قانداق قۇش، ھايۋان، بالا-قازاغا ئۇچرىغان، سان-سېپىر، كۈنلەر ۋە ئايلار قاتارلىق نەرسىلەردىن شۇم پال ئېلىش بۇنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ.
ئىككىنچىسى: رەمبال-پالچىلىق قىلغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىشەنگەن: يەنى ئاستىرنۇمىيە ئىلمى ۋە باشقا ۋاستىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غەيىپنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان ياكى غەيىپنى بىلىمەن دەيدىغان رەمبال-پالچىلارنىڭ يېنىغا بارغان ۋە ئۇلارنىڭ غەيىپنى بىلىمەن دېگەن سۆزىگە كۆرە، ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرىگە ئىشەنگەن كىشى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ھەق دىنغا كاپىر بولغان بولدى.
ئۈچىنچى: سېھر قىلغان ياكى قىلدۇرغان: يەنى بىر ئىنسانغا پايدا ياكى زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزى سېھرگەرلىك قىلغان ياكى باشقىلارنى ئۆزى ئۈچۈن سېھرىگەرلىك قىلدۇرغان، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن چېگىك چىگىپ ئۇنىڭغا ھارام-شېرىك ئارىلاشقان بىر نەرسىلەرنى ئوقۇپ سۇپ-كۆش قىلىپ سېھر قىلغان كىشى.
Benefits
غەيىپنى بىلىمەن دېگەنلىك ئاللاھنى بىر بىلىشتىن ئىبارەت بولغان ھەقىقى تەۋھىدكە زىت بولغان شېرىك ئىشتۇر.
رامبال-پالچىلارنىڭ يېنىغا بېرىش، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېشىنىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئالقانغا قاراپ بىر نەرسە ئوقۇش، پىيالە ياكى ئاپتۇۋا چۆگۈلتىش، ئاسمان ئوربىتلىرى ۋە ئۇنىڭغا نەزەر سىلىپ ھۆكۈم قىلىش( گەرچە بىلىپ بىقىشنى مەقسەت قىلسىمۇ) قاتارلىق ئىشلار ھارامدۇر.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

