ئەمەللەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ئاللاھ تائالاغا كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەمەللەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: جەننەتنىڭ ئىشىگى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئېچىلىدۇ، ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن ۋە قېرىندىشىغا ئاداۋەت ساقلىمىغان كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ، دېيىلىدۇ: ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە مۆھلەت بىرىڭلار، ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر بۇ ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە مۆھلەت بىرىڭلار. يەنە بىر رىۋايەتتە ئەمەللەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى كۆتۈرلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، پەقەت قېرىندىشى بىلەن ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە: بۇ ئىككىسى ئەپلەشكەنگە قەدەر ئۇلارنى قويۇپ قويۇڭلار، دەيدۇ
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

