HadeethEnc · 1.4.0
مىراس تەقسىم قىلىشتا پەرز ئىگىلىرى (يەنى نېسىۋىسى ئېنىق بەلگىلەنگەنلەر) گە باشتا بېرىڭلار! ئۇنىڭدىن قالغىنى مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىگە قالىدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ : مىراس تەقسىم قىلىشتا پەرز ئىگىلىرى (يەنى نېسىۋىسى ئېنىق بەلگىلەنگەنلەر) گە باشتا بېرىڭلار! ئۇنىڭدىن قالغىنى مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىگە قالىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: مىراسنى پەرز ئىگىلىرى ئارىسىدا قۇرئان كەرىم تەقسىماتى بويۇنچە بولۇپ بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن ئاشقىنى مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىگە قالىدۇ
02
Explanation
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مىراس تەقسىم قىلىدىغانلارنى، مىراسنى ئۇنىڭغا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە، ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان شەكىلدە، شەرىئەتنىڭ ئادىل تەقسىماتى بويۇنچە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە، بۇيرىدى. ئاللاھنىڭ كىتابىدا نىسىۋېسى ئېنىق بەلگىلەنگەن پەرز ئىگىلىرىگە بېرىلىدۇ. ئۇ بەلگىلەنگەن نېسىۋىلەر: ئۈچتىن ئىككى، ئۈچتىن بىر، ئالتىدىن بىر، يېرىمى، تۆتتىن بىر ۋە سەككىزدىن بىر ھەسسىلەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان مىراسلار مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىلەرگە بېرىلىدۇ، ئۇلار "ئەسەبە" دەپ ئاتىلىدۇ
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

