جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر داۋاملىق مېنىڭ يېنىمدىكىدەك زىكىردە بولساڭلار، پەرىشتىلەر ئۆيۈڭلار ۋە يولۇڭلارغا كېلىپ، سىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولاتتى. ئى ھەنزەلە ئەمما ئىنسان بەزىدە ئۇنداق، بەزىدە مۇنداق بولىدۇ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ رۇبئى ھەنزەلە ئىبنى رۇبىئ ئەلئۇسەيدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كاتىبلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: ئەبۇ بەكرى ماڭا ئۇچراپ قېلىپ: ئى ھەنزەلە قانداق ئەھۋالىڭ؟ دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا: ھەنزەلە مۇناپىق بولدى، دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ: سۇبھانەللاھ نېمە دەۋاتىسەن؟ دەپ سورىدى. مەن: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە دوزاخ بىلەن جەننەتنى ئەسلەتكىنىدە، ئۇلارنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك بولىمىز. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن چىققىنىمىزدا، ئاياللىرىمىز، ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالىمىز، دېدىم. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ بەكرى: ئاللاھ نامىدىن قەسەم قىلىمەنكى بىزدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بىرىۋاتىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكرى ئىككىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدۇق. مەن سۆزۈمنى باشلاپ: ئى رەسۇلۇللاھ ھەنزەلە مۇناپىق بولدى، دېگىنىمدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! يانلىرىدا ئولتۇرغىنىمىزدا جەننەت بىلەن دوزاخنى ئەسلەتسىلە، خۇددى ئۇلارنى كۆزلىرىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك بولىمىز. ئەمما سىلىنىڭ يانلىرىدىن چىققىنىمىزدا، ئاياللىرىمىز، ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالىمىز، دېدىم. بۇنى ئاڭلىغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: جېنىم ئىلىكىدە بولغان ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر داۋاملىق مېنىڭ يېنىمدىكىدەك زىكىردە بولساڭلار، پەرىشتىلەر ئۆيۈڭلار ۋە يولۇڭلارغا كېلىپ، سىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولاتتى. ئى ھەنزەلە ئەمما ئىنسان بەزىدە ئۇنداق، بەزىدە مۇنداق بولىدۇ، دېدى ۋە بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

