HadeethEnc · 1.4.0
ئۇنىڭغا دەڭلار! گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن، ئولتۇرسۇن لېكىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا بىر كىشىنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باشقىلاردىن ئۇ كىشى توغرىلىق سورىدى، كىشىلەر: ئۇ ئەبۇ ئىسرائىل دېگەن كىشىدۇر، ئۇ كۈنگە قاقلىنىپ ئۆرە تۇرۇشنى، ئولتۇرماسلىقنى، سايىدىماسلىقنى، گەپ قىلماسلىقنى، روزا تۇتۇشنى ئاللاھ يولىدا نەزىر قىپتۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا دەڭلار، گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن، ئولتۇرسۇن لېكىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن»دېدى
02
Explanation
بۇ ساھابە كىرام گەپ قىلماسلىق، تائام يېمەسلىك، ئۇسسۇزلۇق ئىچمەسلىك، كۈن نۇرىدا تۇرۇپ سايىدىماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزىگە نەزىر قىلغان، بۇ ئۆز نەپسىنى جازالاش ۋە قىيىنچىلىققا سېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق شەكىلدە نەزىر قىلىشنى شەرىئەت چەكلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى بۇ ئىشتىن توسقان، لېكىن ئۇ كىشىنى روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرىغان، چۈنكى روزا تۇتۇش دېگەن شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە شەرىئەت يولغا قويغان ئىبادەتنى قىلىشنى نەزىر قىلغان بولسا، ئۇنى قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، شەرىئەت يولغا قويمىغان ئىشلارنى قىلىشنى نەزىر قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىش كېرەك بولمايدۇ
Attribution
[بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

