HadeethEnc · 1.4.0
مۇسۇلمان كىشىنىڭ ۋەسىيەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرەر نەرسىسى تۇرۇپ، ئۇنى يېزىپ قويماستىن ئىككى كېچە ئۇخلىشىغا ھەقلىق ئەمەس
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنغان ھەدىستە: مۇسۇلمان كىشىنىڭ ۋەسىيەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرەر نەرسىسى تۇرۇپ، ئۇنى يېزىپ قويماستىن ئىككى كېچە ئۇخلىشىغا ھەقلىق ئەمەس. ئىمام مۇسلىم: ئىبنى ئۆمەرنىڭ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىرەر كېچىنىمۇ ۋەسىيىتىمنى يازماستىن ئۆتكۈزمىدىم، دېگەن سۆزىنى زىيادە كەلتۈردى
02
Explanation
كىمنىڭكى ۋەسىيەت بايان قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر نەرسىسى تۇرۇپ، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت كىچىكتۈرۈپ قويۇشى توغرا ئەمەس،بەلكى ئۇنى تەپسىلى يېزىپ قالدۇرۇشقا ئالدىراپ،بىرەر ئىككى كېچىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ۋەسىيەتسىز ئۆتمەسلىكى كېرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،بۇ پەيغەمبەر نەسىھىتىنى ئاڭلىغاندىن بىرى، شەرىئەت بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە ھەقنى بايان قىلىش ئۈچۈن ھەركېچە ۋەسىيىتىنى يېڭىلاپ تۇراتتى
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

