HadeethEnc · 1.4.0
ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن باشقا ئىشلاردا ئالى جاناپ كىشىلەرنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى كەچۈرىۋىتىڭلار
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن باشقا ئىشلاردا ئالى جاناپ كىشىلەرنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى كەچۈرىۋىتىڭلار»
02
Explanation
بۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان قازى-سوتچىلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئېسىل، ئالى جاناپ كىشىلەردىن تاسادىپى يۈز بېرىدىغان يىتەرسىزلىك بولسا ئۇلارنى جازالىماسلىق ياكى باشقىلارغا نىسبەتەن ئۇلاردىن يەڭگىللىتىشنى تەلىم بەردى، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلىش، كەچۈرۈش پەقەت شەرئى ھاكىملارنىڭ ئىجتىھادى بىلەن بولىدىغان ئەدەپلەش جازالىرىدا بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرىدا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرى بىكار قىلىنمايدۇ، ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرى ئورۇن مەرتىۋىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھەر قانداق ئادەمگە ئىجرا قىلىنىدۇ
Attribution
[ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

