HadeethEnc · 1.4.0
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: مېنىڭ تۆھمەتتىن پاك ئىكەنلىكىم توغرىسىدا ئايەت نازىل بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەردە تۇرۇپ ئۇ ۋەقەلىكنى تىلغا ئالدى ۋە قۇرئان كەرىمدە نازىل بولغان ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى، مۇنبەردىن چۈشكەندە ئىككى ئەر ۋە بىر ئايالغا تۆھمەت قىلغانلىقنىڭ جازاسى ئۈچۈن دەررە ئۇرۇلدى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«مىنىڭ تۆھمەتتىن پاك ئىكەنلىكىم توغىرسىدا ئايەت نازىل بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەردە تۇرۇپ ئۇ ۋەقەلىكنى زىكىر قىلدى ۋە قۇرئان كەرىمدە نازىل بولغان ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى، مۇنبەردىن چۈشكەندە ئىككى ئەر ۋە بىر ئايالغا تۆھمەت قىلغانلىقنىڭ جازاسى ئۈچۈن دەرە ئۇرۇلدى»
02
Explanation
بۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا خەۋەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ تۆھمەتتىن پاكلانغانلىقى توغرىسىدا ئايەت نازىل بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە سۆز قىلدى، ئاشۇ ۋەقەلىكتىن كىشىلەرنى خەۋەردار قىلدى ۋە مۇنبەردە تۇرۇپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پاكلىقى توغرىسىدا نازىل بولغان ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى، ئاندىن مۇنبەردىن چۈشۈپ ،تۆھمەت قىلغان ئىككى ئەر يەنى ھەسسان ئىبنى سابىت، مىستەھ ئىبنى ئۇساسەنى ۋە ئايالدىن ھىمنەتە بىنتى جەھشنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقى ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەر بىرىگە بۆھتان جازاسى بولغان سەكسەن دەررە جازانى ئىجرا قىلدى
Attribution
[ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

