HadeethEnc · 1.4.0
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان ياشنى يۈز) دەررە ئۇردى ۋە (بىر يىل) سۈرگۈن قىلدى، ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلدى، ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلدى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئىبنى ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ (توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان ياشنى يۈز) دەررە ئۇرۇپ، (بىر يىل) سۈرگۈن قىلغانلىقى، ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلغانلىقى، ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىندى
02
Explanation
بۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان كىشىنى يۈز دەررە ئۇرۇپ، ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتقا تولۇق بىر يىل سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، بۇ ھەدىس، سۈرگۈن قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن تەتبىقلانغانلىقى ئۈچۈن زىنا جازاسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تولۇقلىمىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن
Attribution
[تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

