HadeethEnc · 1.4.0
ھامىلىدار (دېدەك) تۇغمىغىچە، ھامىلدار ئەمەسلىرى، بىر قېتىم ھەيز كۆرۈپ پاكلانمىغىچە جىما قىلىنمايدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ھامىلىدار (دېدەك) تۇغمىغىچە، ھامىلىدار ئەمەسلىرى، بىر قېتىم ھەيز كۆرۈپ پاكلانمىغىچە جىما قىلىنمايدۇ»
02
Explanation
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەۋتاس دېگەن جايدا (مەككىگە يېقىن بىر جاي) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، جىھادتا كاپىرلاردىن تارتىۋېلىنغان ئايالنىڭ (دېدەكنىڭ) بالا ياتقۇسىنىڭ تۇغۇش بىلەن خالى ئىكەنلىكى بىلىنىپ، نىپاسىدىن پاكلانغىچە ئۇنىڭ بىلەن جىما قىلىشتىن چەكلىدى، ئەگەر ھامىلەدىن خالى بولسا ھەتتاكى بىر ھەيىز كۆرگەنگە قەدەر جىما قىلىنمايدۇ، چۈنكى بىز ئۇنىڭ بالا ياتقىسىنىڭ خالىلىقىنى پەقەت ھەيىز كۆرۈش بىلەنلا بىلەلەيمىز. ئۇنداق دېدەكلىككە تۇتۇلغانلارغا ئۇنىڭدىن باشقا سېتىۋېلىنغان ياكى قانداق يول بىلەن بولسۇن قول ئىلكىگە ئۆتۈپ قالغان دېدەكلەرنى قىياس قىلساڭ بولىدۇ
Attribution
[ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

