HadeethEnc · 1.4.0
ئېرىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئايال تۆت يىل كۈتىدۇ، ئاندىن تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن تۇرمۇشلۇق بولسا بولىدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: ئېرىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئايال تۆت يىل كۈتىدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن تۇرمۇشلۇق بولسا بولىدۇ
02
Explanation
بۇ ھەدىستە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېرى يوقاپ كەتكەن ئايالنىڭ يوقالغاندىن باشلاپ تۆت يىل كۈتىدىغانلىقى، شۇنىڭدىن كىيىن تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن ياتلىق بولسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، فىقھى ئالىملىرى بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئەسەرلەرنى ئۇرۇش مەيدانىدا ياكى سۇغا چۆكۈپ ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان يوللار بىلەن يوقاپ كەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆلگەنلىكى ۋە ھالاك بولغانلىقىغا گۇمان كۈچلۈك بولغانلارغا دەلىل قىلغان
Attribution
[ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

