HadeethEnc · 1.4.0
سەلەمە ئىبنى سەخرىنىڭ زىھار ھەققىدىكى ھەدىسى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
سەلەمە ئىبنى سەخردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن باشقىلارغا قارىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ ئۆتكۈزىدىغان كىشى ئىدىم. رامىزان ئېيى كىرگەندە، يېقىنچىلىقنىڭ تاكى تاڭ ئېتىپ كەتكۈچە داۋام قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، رامىزان چىققۇچە ئايالىمنى زىھار قىلدىم. بىر كېچىسى، ئايالىم مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىۋاتاتتى، توساتتىن كۆزۈم ئۇنىڭ بەزى يەرلىرىگە چۈشۈپ قالدى - دە، ئۆزەمنى تۇتالماي، ئۇنىڭغا ئېتىلدىم. تاڭ ئاتقاندا چىقىپ، جامائەتكە ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم ۋە ئۇلاردىن مەن بىلەن بىرگە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بىرگە بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم، ئۇلار رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆزەم يالغۇز بېرىپ ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئى سەلەمە! سەن شۇ ئىشنى قىلدىڭمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: شۇنداق، ئۇ ئىشنى قىلىپ سالدىم. ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھنىڭ قانداقلا بۇيرۇقى بولسا، مەن سەۋر قىلىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشىمغا ئاللاھنىڭ ساڭا كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلغىن! دېدىم. بىر قۇل ئازاد قىل! دېدى. مەن: سېنى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا گەدىنىم يوق، ـ دەپ، ئۆز گەدىنىمگە پاققىدە بىرنى سالدىم. ئۇنداقتا، ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتقىن! دېدى. بۇ خاتالىقنى روزا ئېيىدا ئۆتكۈزمىدىممۇ؟ ـ دېدىم. ئۇنداقتا، ئاتمىش مىسكىنگە ئاتمىش سا خورما بەر! ـ دېدى. مەن: سېنى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىزدە يەيدىغان بىر نەرسە بولمىغاچقا، قورساق ئاچ ياتقانىدۇق، دېدىم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنداقتا، سەن بەنى زۇرەيق قەبىلىسىدىن يىغىلغان سەدىقىگە قارىغۇچىنىڭ يېنىغا بار. ئۇ ساڭا شۇ سەدىقىنى بەرسۇن، سەن ئۇنىڭدىن ئاتمىش سانى ئاتمىش مىسكىنگە بېرىپ، قالغىنىنى ئايال - بالىلىرىڭ بىلەن يېگىن! ـ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن قەۋمىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ: سىلەرگە ئەھۋالنى دېسەم، ئىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، يامان تەرىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇڭلار. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بارغانىدىم، ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ياخشى پىكىر بەردى ۋە سىلەرنىڭ سەدىقەڭلارنى ماڭا بۇيرۇپ بەردى، دېدىم
02
Explanation
سەلەمە ئىبنى سەخردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن باشقىلارغا قارىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ ئۆتكۈزىدىغان كىشى ئىدىم. رامىزان ئېيى كىرگەندە، يېقىنچىلىقنىڭ تاكى تاڭ ئېتىپ كەتكۈچە داۋام قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، رامىزان چىققۇچە ئايالىمنى زىھار قىلدىم. بىر كېچىسى، ئايالىم مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىۋاتاتتى، توساتتىن كۆزۈم ئۇنىڭ بەزى يەرلىرىگە چۈشۈپ قالدى - دە، ئۆزەمنى تۇتالماي، ئۇنىڭغا ئېتىلدىم. تاڭ ئاتقاندا چىقىپ، جامائەتكە ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم ۋە ئۇلاردىن مەن بىلەن بىرگە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم، ئۇلار رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆزەم يالغۇز بېرىپ ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئى سەلەمە! سەن شۇ ئىشنى قىلدىڭمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: شۇنداق، ئۇ ئىشنى قىلىپ سالدىم. ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھنىڭ قانداقلا بۇيرۇقى بولسا، مەن سەۋر قىلىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشىمغا ئاللاھنىڭ ساڭا كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلغىن! دېدىم. بىر قۇل ئازاد قىل! دېدى. مەن: سېنى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا گەدىنىم يوق، ـ دەپ، ئۆز گەدىنىمگە پاققىدە بىرنى سالدىم. ئۇنداقتا، ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتقىن! دېدى. بۇ خاتالىقنى روزا ئېيىدا ئۆتكۈزمىدىممۇ؟ ـ دېدىم. ئۇنداقتا، ئاتمىش مىسكىنگە ئاتمىش سا خورما بەر! ـ دېدى. مەن: سېنى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىزدە يەيدىغان بىر نەرسە بولمىغاچقا، قورساق ئاچ ياتقانىدۇق، دېدىم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنداقتا، سەن بەنى زۇرەيق قەبىلىسىدىن يىغىلغان سەدىقىگە قارىغۇچىنىڭ يېنىغا بار. ئۇ ساڭا شۇ سەدىقىنى بەرسۇن، سەن ئۇنىڭدىن ئاتمىش سانى ئاتمىش مىسكىنگە بېرىپ، قالغىنىنى ئايال - بالىلىرىڭ بىلەن يېگىن! ـ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن قەۋمىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ: سىلەرگە ئەھۋالنى دېسەم، ئىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، يامان تەرىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇڭلار. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بارغانىدىم، ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ياخشى پىكىر بەردى ۋە سىلەرنىڭ سەدىقەڭلارنى ماڭا بۇيرۇپ بەردى، دېدىم
Attribution
[ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"نا
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

