HadeethEnc · 1.4.0
تالاقنى ۋە يېنىشىۋېلىشنى سۈننەتكە خىلاپ ھالدا قىلىپسەن!، تالاق قىلغاندىمۇ، يېنىشىۋالغاندىمۇ گۇۋاھلاتقىن!، بۇ ئىشنى قايتا قىلمىغىن
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئىمران ئىبنى ھۈسەيندىن: ئايالىنى تالاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان، تالاق قىلغاندىمۇ، يېنىشىۋالغاندىمۇ گۇۋاھلاتمىغان كىشىنىڭ ھۆكمى ھەققىدە سورالغان ئىدى، ئىمران ئىبنى ھۈسەين: «سۈننەتكە خىلاپ تالاق قىلىپ، سۈننەتكە خىلاپ يىنىشىۋاپسەن!، تالاق قىلغاندىمۇ، يېنىشىۋالغاندىمۇ گۇۋاھلاتقىن ۋە بۇ ئىشنى قايتا قىلمىغىن!» دەپ جاۋاب بەردى
02
Explanation
بۇ ھەدىستە ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ئايالىنى تالاق قىلىۋەتكەن، ئاندىن يېنىشىۋىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان، تالاق قىلغانلىقىغا ۋە يىنىشىۋالغانلىقىغا گۇۋاھلاتمىغان كىشى توغرۇلۇق پەتىۋا سورالغان ئىدى، ئىمران رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «تالاق قىلغۇچى باشتا گۇۋاھلاتماي تالاق قىلغان، كىيىن گۇۋاھلاتماي يېنىشىۋالغان ئىككىلا ھالەتتە سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغان» دەپ جاۋاپ بېرىپ، ئۇنى تالاق قىلغىنىنى ۋە يىنىشىۋالغىنىنى گۇۋاھلىتىشقا، بۇنداق ئىشنى قايتا قىلماسلىققا بۇيرىغان
Attribution
[ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

