مۇئمىنلەردىن كامالى ئىمانغا ئىگە كىشىلەر ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇئمىنلەردىن كامالى ئىمانغا ئىگە كىشىلەر ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر».
Explanation
مۇئمىنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى؛ ئۆزىنىڭ ئاياللىرىغا قىزلىرىغا، ھەمشىرىلىرىگە، يېقىن ئايال تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىدۇر، چۈنكى ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشقا ئەڭ لايىق بولغانلاردۇر.
Benefits
ئەمەل ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئىمان زىيادە ۋە كەم بولىدۇ.
ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئىززەت-ئىكرام قىلىپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدى.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

