HadeethEnc · 1.4.0
ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا دۇئادىنمۇ ئېسىل بىر نەرسە يوق
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا دۇئادىنمۇ ئېسىل بىر نەرسە يوق».
02
Explanation
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئىبادەتلەرنىڭ ئېچىدە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دۇئادىنمۇ ئەۋزەلراق بىر ئىبادەتنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. چۈنكى دۇئادا ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن بىھاجەت ۋە ئالى ئىكەنلىكى، بەندىنىڭ ئاجىز، ھەر ۋاقىت ئاللاھقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىدۇ.
03
Benefits
دۇئانىڭ پەزىلىتى: ئاللاھقا دۇئا قىلغان كىشى ئاللاھنى ئۇلۇغلايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن بىھاجەت ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىدۇ. ھاجەتمەندىن بىر نەرسە سورالمايدۇ، ئاللاھ ئاڭلىغۇچىدۇر، پاڭدىن -گاستىن بىر نەرسە سورالمايدۇ. ئاللاھ سېخىدۇر، بىخىلدىن بىر نەرسە سورالمايدۇ. ئاللاھ بەك مېھرىباندۇر، رەھىمسىز كىشىدىن بىر نەرسە سورالمايدۇ، ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر، ئاجىز بولغاندىن بىر نەرسە سورالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن يېقىندۇر، يىراقتىكى كىشى ئاڭلىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۈيۇك ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇق ۋە گۈزەللىكىگە دالالەت قىلىدىغان سۈپەتلىرى مەۋجۇتتۇر.
Attribution
[تىرمىزى،ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

