پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق»دېگەن. كىشىلەرنىڭ دوزاخقا كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشتىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئېغىز ۋە ئەۋرەت دېگەن» دېگەن.
Explanation
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق.
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش دېگەن: ئىنسان ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ ئارىسىغا ساقلىنىدىغان بىرنەرسە قىلىشتۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن بولىدۇ.
گۈزەل ئەخلاق دېگەن: ئوچۇق چېراي بولۇش، ياخشىلىق قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قول يىغىشتۇر.
دوزاخقا كىرگۈزىدىغان كاتتا سەۋەپلەردىن ئىككى سەۋەپ بولۇپ، ئۇ ئىككىسى:
تىل ۋە ئەۋرەت.
تىلنىڭ ئاسىيلىقى بولسا: يالغان سۆز قىلىش، غەيۋەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىش قاتارلىقلاردۇر.
ئەۋرەتنىڭ ئاسىيلىقى: زىنا، بەچچىۋازلىق ۋە باشقىلار.
Benefits
تىلنىڭ خەتىرى ساھىبىغا بولۇپ، ئۇ ساھىبىنىڭ دوزاخقا كېرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
شەھۋەت ۋە پاھىشەنىڭ خەتىرى ساھىبىغا بولۇپ، بۇ دوزاخقا كېرىشنىڭ ئەڭ كۆپ سەۋەپلىرىدىندۇر.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

