ئاللاھقا ياقتۇرىلىدىغان سۆزلەر تۆتتۇر: سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر، بۇ سۆزلەرنىڭ قايسىسى بىلەن باشلىسىڭىز خاتا بولمايدۇ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
سەمۇرە بىن جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ياقتۇرىلىدىغان سۆزلەر تۆتتۇر: سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر، بۇ سۆزلەرنىڭ قايسىسى بىلەن باشلىسىڭىز خاتا بولمايدۇ».
Explanation
سۇبھانەللاھ، بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانى بارلىق كەمچىللىكتىن پاكلاش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئەلھەمدۇ لىللاھ، بۇ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە تولۇق ۋە مۇكەممەللىك بىلەن سۈپەتلەشتۇر.
ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر.
ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىدىن ئۇلۇغ، كاتتا ۋە غالىپتۇر.
بۇ سۆزلەرنىڭ پەزىلىتى ۋە ساۋابىنىڭ ھاسىل بولىشى بۇ زىكىرلەرنى ئېيتقاندا يۇقىرىدىكى تەرتىپ بىلەن دېيىش تەقەززا قىلىنمايدۇ.
Benefits
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

