HadeethEnc · 1.4.0
ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ رىۋايەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھ دۈشمەندىن قورىققان چاغدا مۇنداق دەيتتى: ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز
02
Explanation
رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز» يەنى بىزنى قوغداشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھوجۇمىنى بىزدىن توسۇش ئۈچۈن سىلىنى دۈشمەن ئالدىدا قويىمىز، دېگەن مەنىدە. بۇ يەردە بويان، ئالدى دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن، چۈنكى ئۇ قوغدىنىشتا ۋە دۈشمەننىڭ ھوجۇمىدىن ئۈستۈن تۇرۇشتا ئەڭ كۈچلۈك، چەۋەر ئورۇن. دۈشمەن بولسا جەڭگە باتۇرلىقىنى ۋە ياكى ئۈمىتۋارلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن مەيدە، كۆكرىكىنى كېرىپ چىقىدۇ. «ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز»، بۇ ھالدا ئاللاھ ئۇلارنىڭ زىيىنىدىن سېنى ساقلايدۇ. يەنى: ئى ئاللاھ بىزنى ئۇلارنىڭ ھوجۇمىدىن، زىيانكەشلىكىدىن ساقلىسىلا، ئۇلارغا ئۆزلىرى كۇپايە بولىلا، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارسىنى سىلى توسايلا. ئەگەر مۇسۇلمان بىر كىشى بۇ ئىككى ئاز ۋە ئاسان جۈملىنى ئىخلاس، چىنلىق ۋە ئىخلاس بىلەن دېسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دۈشمەنلىرىدىن قوغدايدۇ. ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچى
Attribution
[نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

