ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: بىز سېنى ئۈممىتىڭ ھەققىدە رازى قىلىمىز، سېنى غەم-قايغۇدا قالدۇرمايمىز، دېگىن
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىبراھىم ھەققىدىكى ﴿پەرۋەردىگارىم! ئۇلار «يەنى بۇتلار» نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشسە ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر﴾ دېگەن ئايەت بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ﴿ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر «ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن» ساڭا ھېچ كىم تەئەررۇز قىلالمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئىشىڭدا غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! ئۈممىتىم، ئۈممىتىم» دەپ يىغلاپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بارغىن، «ھالبۇكى، رەببىڭ ئۇنىڭ ھالىنى ئوبدان بىلىدۇ» ئۇنىڭدىن نېمىشقا يىغلاۋاتقىنىنى سورىغىن؟ دېدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جىبرىئىلغا يۇقىرىقى سۆزىنى ئېيتتى، ئاللاھ تائالا: ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: “بىز سېنى ئۈممىتىڭ ھەققىدە رازى قىلىمىز، سېنى غەم-قايغۇدا قالدۇرمايمىز، دېگىن! دېدى
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

