كىمكى بامدات نامىزىنى ئادا قىلسا ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدە بولىدۇ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
جۇندۇب بىن ئابدۇللاھ قەسرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بامدات نامىزىنى ئادا قىلسا ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئۆزىنىڭ كېپىللىكىدىكى نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ، كىمكى ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدىكى نەرسىنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇنى تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىچە جەھەننەمگە سۆرەپ تاشلىنىدۇ».
Explanation
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى بامدات نامازنى ئادا قىلماسلىق ياكى ناماز ئادا قىلغۇچىغا ھەددىدىن ئېشىش ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن بۇ ۋەدىنى بۇزسا ياكى بىكار قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، خوشنىدارچىلىقنى ئاياغ-ئاستى قىلغان بولدى، چەكتىن ئىشىپ ئاللاھنىڭ ھەققىدىكى بىر نەرسىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا ھەقلىق بولدى، كىمكى ئۇنى تەلەپ قىلىدىكەن تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىچە جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ.
Benefits
بامدات نامىزى ئادا قىلغان كىشىگە يامانلىق قىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە يامانلىق قىلغان كىشىلەردىن ئىنتىقام ئالىدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

