كىمكى رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ئارزۇ قىلسا سىلە رەھىم قىلسۇن
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ئارزۇ قىلسا سىلە رەھىم قىلسۇن».
Explanation
Benefits
جازا-مۇكاپات ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ، كىمكى ياخشىلىق ۋە ئېھسان بىلەن سىلە رەھىمنى ئۇلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ رىزقى ۋە ئۆمرىگە بەرىكەت بېرىدۇ.
سىلە رەھىم بولسا رىزىقنىڭ كەڭرى ۋە زىيادە بولۇشنىڭ ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشنىڭ سەۋەبىدۇر، گەرچە ئىنساننىڭ رىزقى ۋە ئەجىلى لەۋھىل مەھپۇزدا پۈتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرى ۋە رىزقىدا بەرىكەت بولىدۇ، ھاياتىدا شۇ ياشتىكى باشقا كىشىلەر قىلالمىغان نۇرغۇن مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلىدۇ. بەزى ئالىملار: رىزىق بىلەن ئۆمرىنىڭ زىيادە بولىشى ھەقىقى بولىدۇ دەيدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

