HadeethEnc · 1.4.0
ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
مەئقىل بىن يەسار مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ».
02
Explanation
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەر قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە مەسئۇل قىلسا، مەيلى دۆلەت باشلىقى ياكى باشقا ئەمەلدارلاردىن بولسۇن ياكى ئائىلە باشلىقى ۋە باشقا ئىشلارغا مەسئۇل بولسۇن، ئۆزى ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمايدىكەن، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسەتمەي، ساختىپەزلىك قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى زايە قىلىۋېتىدىكەن، بۇنداق كىشىلەر قىيامەتتە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
03
Benefits
ئاللاھ تائالانىڭ ھېساپ ئېلىش ۋە ئازابلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسى پەقەت باش رەھبەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەسئۇللارغىلا خاس بولماستىن بەلكى ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر ئىشقا ئىگە قىلغان ھەممە كىشىگە ئومۇم بولىدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشقا ئىگە بولغان كىشى، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسۈتۈش، ئامانەتنى تولۇق ئادا قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىشتىن ھەزەر قېلىش كېرەك.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى ياكى خۇسۇسى، چوڭ ياكى كېچىك ھەر قانداق ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى بۈيۈكتۇر.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشقا ئىگە بولغان كىشى، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسۈتۈش، ئامانەتنى تولۇق ئادا قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىشتىن ھەزەر قېلىش كېرەك.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى ياكى خۇسۇسى، چوڭ ياكى كېچىك ھەر قانداق ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى بۈيۈكتۇر.
Attribution
[بىرلىككە كەلگەن]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

