غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قېرىندىشىڭنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان سۆز بىلەن زىكىر قىلىشىڭ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قېرىندىشىڭنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان سۆز بىلەن زىكىر قىلىشىڭ»دېدى، بەزىلەر: ئەگەر ئۇنىڭ ھەققىدە دېگەن سۆزۈم راست بولسا (يەنى ئۇ كىشىدە تىپىلسا) قانداق بولىدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇنىڭ توغرىسىدا دېگەن سۆزۈڭ راست بولسا، غەيۋەت قىلغان بولدۇڭ، راست بولمىغان بولسا ئۇنىڭغا بۆھتان قىلغان بولدۇڭ دېدى».
Explanation
ئەگەر يۇقىرىقىدەك سۈپەتلىگەن ناچار سۈپەتلەر ئۇ كىشىدە بولمىسا، بۇ غەيۋەتتىنمۇ يامان بولغان بۆھتاندۇر، يەنى ئۇ ئىنساندا يوق بولغان بىر ئىشنى ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىشتۇر.
Benefits
ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن: سوئال سورىغان ۋاقىتتا: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېيىشىدۇر.
سوئال سورالغۇچى بىلمەيدىغان نەرسە بولسا : ئۇنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر دېيىشىدۇر.
شەرىئەتنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەق-ھوقۇق ۋە دىنى قېرىنداشلىقنى مۇھاپىزەت قىلىشىدۇر.
غەيۋەتنىڭ ھەممىسى ھارام بولۇپ، لېكىن بەزى ئەھۋاللاردا (ياكى مەنپەئەت سەۋەبىدىن) دۇرۇس بولىدۇ: ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: زۇلۇمنى يوق قىلىش، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدىغان كىشىنىڭ يېنىدا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان كىشىنى تەپسىلى تونۇشتۇرىشى: ماڭا پالانى زۇلۇم قىلدى ياكى مېنى مۇنداق قىلدى دېگەنگە ئوخشاش. شۇنىڭدەك، توي ئىشلىرىدا ياكى خوشنىدارچىلىق ئىشلىرىدا ياكى باشقا ئىشلاردا مەسلىھەت سورىغانغا ئوخشاش.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

