HadeethEnc · 1.4.0
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى، كېچىنىڭ دەسلىپى ۋە تەڭ كېچىدە، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، ۋىتىرنى سەھەر ۋاقتىغىچە ئاخىرلاشتۇراتتى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى، كېچىنىڭ دەسلىپى ۋە تەڭ كېچىدە، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، ۋىتىرنى سەھەر ۋاقتىغىچە ئاخىرلاشتۇراتتى
02
Explanation
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋىتىر نامازنى قانداق ۋاقىتلاردا ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىتلىرىغا خاس قىلىۋالماي قايسى بىر ۋاقىتلاردا ئوقۇيتتى، گاھىدا ئاللاھ تائالا نېسىپ قىلسا خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا، گاھىدا كېچىنىڭ ئۈچتەن بىرى ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر ۋاقىتلاردا، گاھىدا بولسا كېچىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلىرىدا ئۈچتەن ئىككىسى ئۆتكەن ۋاقىتلاردا ئوقۇيتتى
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

