HadeethEnc · 1.4.0
ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدىغان ياكى ناھايتى ئاز قايتۇرىلىدىغان ئىككى خىل دۇئا بار، بىرسى؛ ئەزان ئېيتىلىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا، يەنە بىرسى؛ تازا قاتتىق ئۇرۇش بولىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدىغان ياكى ناھايتى ئاز رەت قىلىنىدىغان ئىككى خىل دۇئا بار، بىرسى؛ ئەزان ئېيتىلىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا، يەنە بىرسى؛ تازا قاتتىق ئۇرۇش بولىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا»
02
Explanation
بۇھەدىستە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىپ، مۇجاھىدنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا قىلغان دۇئاسىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىجابەت قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەزان ئوقۇلغاندىن تارتىپ ھەتتا نامازغا تەكبىر ئېيتىلغانغا قەدەرقىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەزاننىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ
Attribution
[ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

