ئى ئۇسامە! ئۇنى: «لائىلاھە ئىللەللاھ» دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى جۇھەينە قەبىلىسىدىن ھۇرەقە جەمەتىگە ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ سۇ مەنبەلىرىگە سەھەر ۋاقتىدا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇب قىلدۇق. بىر ئەنسارى بىلەن ئىككىمىز بىر ئادەمنى قوغلاپ يېتىشىۋېلىپ، ئارىغا ئېلىۋالغان چېغىمىزدا، ئۇ: لائىلاھە ئىللەللاھ «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق»، دېۋىدى، ئەنسارى توختىدى، لېكىن مەن نەيزەم بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. مەدىنىگە كەلگەن چاغدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ: ئى ئۇسامە! ئۇنى: «لائىلاھە ئىللاللاھ» دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: ئۇ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق دېدى، دېگىنىمدە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى قايتاـ قايتا تەكرارلىدى. ھەتتا مەن ئۆز ـ ئۆزەمگە: شۇ كۈندىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولمىغان بولسامچۇ! دەپ كەتتىم. يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «لا ئىللاھە ئىللەللاھ» دەپ تۇرسا ئۆلتۈرىۋەتتىڭمۇ؟ دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ قورالدىن قورقۇپ شۇنداق دېگەن تۇرسا؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: چىن دىلىدىن دېدىمۇ ياكى قورقۇپ دېدىمۇ، سەن بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ باقتىڭمۇ؟! دېدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۆزنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىغانىدى، مەن ئۆز-ئۆزەمگە: بۈگۈنگە قەدەر مۇسۇلمان بولمىغان بولسامچۇ، دەپ كەتتىم. جۇندۇب ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر توپ مۇشرىكلارغا قارشى جىھاد قىلىشقا مۇسۇلمانلاردىن بىر قوشۇن ئەۋەتتى، ئۇلار جەڭگاھ تۈزۈپ جەڭ باشلاندى، مۇشرىكلاردىن بىرى مۇسۇلمانلار ئىچىدىن خالىغىنىنى پەيلەپ تۇرۇپ ئۆلتۈرەتتى. مۇسۇلمانلاردىن بىرى «بىز ئۇنى ئۇسامە شۇ دەيتتۇق» ئۇنى ئۇشتۇمتۇت تۇتىۋېلىپ كاللىسىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىچىنى كۆتۈرگەندە ئۇ: لا ئىلاھە ئىللەللاھ، دېدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زەپەر خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى كەلگەندە رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن جەڭ توغۇرلۇق سورىغان ئىدى، ئۇ كىشى جەڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ بەردى ۋە بۇ ۋەقەلىكنىمۇ بايان قىلىپ بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىنى چاقىرىتتى ۋە ئۇنىڭدىن: نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈردۈڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇ مۇسۇلمانلارغا كۆپ تالاپەت يەتكۈزدى، پالانچى، پالانچىنى ئۆلتۈرۋەتتى، دەپ بىر قانچە كىشىنى ساناپ بەردى، ئۇ: مەن ئۇنى تۇتىۋالغاندا قىلىچنى كۆرۈپ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېدى، دېگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتىڭمۇ؟ دېدى. ئۇ كىشى: ھەئە، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: قىيامەت كۈنىدە ئۇ لا ئىلاھە ئىللەللاھ، دېگەن سۆز بىلەن كەلسە سەن نېمەمۇ قىلارسەن؟ دېدى. ئۇ كىشى ئى رەسۇلۇللاھ ماڭا ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسىلا، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: قىيامەت كۈنىدە ئۇ: لا ئىلاھە ئىللەللاھ، دېگەن سۆز بىلەن كەلسە سەن نېمەمۇ قىلارسەن؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: قىيامەت كۈنىدە ئۇ: لا ئىلاھە ئىللەللاھ، دېگەن سۆز بىلەن كەلسە سەن نېمەمۇ قىلارسەن؟ دېگەن بۇ سۆزنى كۆپ تەكرارلىدى
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

