ئى ئوغۇل! مەن ساڭا بىر قانچە سۆزلەرنى ئۈگىتىپ قوياي: سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھ سېنى ياد ئېتىدۇ، سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھنى سەن تەرەپتە تاپىسەن، بىر نەرسە سورىساڭ ئاللاھدىن سورا، ياردەم تەلەپ قىلساڭ ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگەشكەن ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئى ئوغۇل! مەن ساڭا بىر قانچە سۆزلەرنى ئۈگىتىپ قوياي: سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھ سېنى ياد ئېتىدۇ، سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھنى سەن تەرەپتە تاپىسەن، بىر نەرسە سورىساڭ ئاللاھدىن سورا، ياردەم تەلەپ قىلساڭ ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن، بىلگىنكى! ئۈممەتنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ ساڭا بىر نەرسە بىلەن مەنپەئەت يەتكۈزمەكچى بولسا ئۇلار ساڭا پەقەت ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەرسىدىن باشقا نەرسىنى مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ ساڭا بىر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزمەكچى بولسا ئۇلار ساڭا پەقەت ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان نەرسىدىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، سەھىپىلەر قۇرىدى».
Explanation
ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش بىلەن ئاللاھنى ياد قىلساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى تائەت-ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەردە تاپىدۇ، گۇناھ -مەسىيەت، ئاسىيلىقتا تاپمايدۇ. ئەگەر سەن شۇنداق قىلساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. سەن مۇھىم ئىشلىرىڭدا قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭ، ئاللاھ ساڭا ياردەم بېرىدۇ.
بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭ، پەقەت ئاللاھدىن سورا، ئۇ زات بارلىق ھاجەتمەنلەرنىڭ تېلىكىنى ئۆزى ئىجابەت قىلىدۇ.
ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولساڭ، پەقەت ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن.
سەندە شۇنداق بىر ئىشەنچ بولسۇنكى، ئەگەر زېمىن ئەھلىنىڭ ھەممىسى ساڭا بىر مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن جۇغلاشسىمۇ ئۇلار پەقەت ئاللاھ ساڭا تەقدىر قىلغان مەنپەئەتتىن باشقىنى يەتكۈزەلەلمەيدۇ. ئەگەر زېمىن ئەھلىنىڭ ھەممىسى ساڭا بىر زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن جۇغلاشسىمۇ ئۇلار پەقەت ئاللاھ ساڭا تەقدىر قىلغان زىياندىن باشقىنى يەتكۈزەلمەيدۇ.
ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھ پۈتىۋەتكەن تەقدىر قىلىۋەتكەن ئىش بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ھېكمىتى، ئىلمى ۋە تەقەززاسىغا مۇۋاپىق بولىدۇ، ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەرسە ئۆزگەرمەيدۇ.
Benefits
جازا-مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.
ھەر ئىشتا پەقەت ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە ئاللاھقا تايىنىشقا بۇيرۇش، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ۋەكىل!.
تەقدىرگە، قازاغا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا رازى بولۇش، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى تەقدىر قىلىپ بېكىتتى.
ئاللاھنىڭ بۇيرۇق-پەرمانلىرىنى زايا قىلىۋەتكەن كىشىنى ئاللاھمۇ زايە قىلىۋېتىدۇ، مۇھاپىزەت قىلمايدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

