HadeethEnc · 1.4.0
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزان كېچىلىرى بامدات ۋاقتىغىچە ئاياللىرى بىلەن بىرگە بولاتتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن رىۋايەت قىلىپ ئۇلار مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزان كېچىلىرى بامدات ۋاقتىغىچە ئاياللىرى بىلەن بىرگە بولاتتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتى
02
Explanation
ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالار شۇنداق بايان قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى قىلىپ بامدات نامىزىغىچە يۇيۇنماي تۇراتتى، روزا تۇتماقچى بولسا نىيەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يۇيۇناتتى. بۇ ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ مەرۋان ئىبنى ھەكەم جۇنۇپ ھالدا روزىنى باشلاش توغرىسىدا پەتىۋا سوراپ ئادەم ئەۋەتكەندە ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابى. بۇ ھۆكۈم رامىزان ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئوخشاش
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

