ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە ياخشىلىق قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
شەدداد بىن ئەۋىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دېگەن سۆزىدىن مۇنۇ ئىككى سۆزنى ئېسىمدە تۇتىۋالدىم: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە ياخشىلىق قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى، سىلەر ئۆلتۈرۈشكە ھەقلىق بولغان ئىنسانلارنى (قىساستا ياكى ئۇرۇشتا) قىينىماي ئۆلتۈرۈڭلار، مال بوغۇزلىساڭلار چىرايلىق بوغۇزلاڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار پېچىقىنى ئىتتىك قىلسۇن ۋە بوغۇزلىغان مالنى راھەتلەندۈرسۇن».
Explanation
قىساس ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ۋاقىتتا ئېھسان قىلىش دېگەن: ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جېنىنى ئەڭ تىز ۋە ئەڭ يەڭگىل بولغان يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تاللاشتۇر.
مال بوغۇزلىغاندا ئېھسان قىلىش دېگەن: مال بوغۇزلايدىغان پىچاقنى ئىتتىك قىلىپ بوغۇزلىغان ھايۋانلارغا مېھرىبانلىق قىلىش، ئۇلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ پىچاقلارنى بىلىمەسلىك، باشقا ئۇلاغلار قاراپ تۇرسا كۆز ئالدىدا يەنە بىرىنى بوغۇزلىماسلىق قاتارلىقلار.
Benefits
ئۆلتۈرىدىغان ۋە بوغۇزلايدىغان ھايۋانلارغا ئېھسان قىلىش شەرئى يولغا ئاساسەن بولىدۇ.
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئومۇمى ۋە ھەممە ياخشىلىقنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقى، شۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئۆلتۈرىدىغان ھايۋانلارغا رەھىم-شەپىقەت قىلىش.
ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئىنساننى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇپ، قۇلىقىنى ۋە بۇرنىنى كېسىدىغان ئىشلاردىن چەكلەش.
ھايۋانلارنى ئازابلايدىغان ھەر قانداق ئىش ھارامدۇر.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

