سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىچىدە 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشى تۇغرۇلۇق سورىغاندا، بىر راھىب كۆرسۈتۈلۈپ قويۇلدى، ئۇ راھىبنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىسا، راھىب: «ياق» دېدى، ئاندىن ئۇنىمۇ ئۆلتۈردى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىچىدە 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشىنى سورىغاندا، ئۇنىڭغا بىر راھىب كۆرسۈتۈلۈپ قويۇلدى، ئۇ راھىبنىڭ يىنىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىسا، راھىب: «ياق» دېدى، ئاندىن ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈپ ساننى يۈزگە يەتكۈزدى، ئاندىن زېمىن ئەھلىدىن ئالىمراق بىر كىشىنى سورىسا ئۇنىڭغا بىر ئالىم كىشى كۆرسۈتۈپ قويۇلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، ئالىم: «ھەئە»، كىم ئۇنىڭ بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسىنى توسۇپ قالالايدىكەن؟، سەن پالانى شەھەرگە بارغىن، ئۇ شەھەردە ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر بار، شۇ كىشىلەر بىلەن ئىبادەت قىلغىن، يۇرتۇڭغا ھەرگىز قايتىپ كەلمىگىن، بۇ يەر يامان جايدۇر، دېدى، ئۇ يولغا چىقىپ يېرىم يولغا كەلگەندە ئەجىلى توشتى، رەھمەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئازاب پەرىشتىلىرى تالىشىپ قالدى، رەھمەت پەرىشتىلىرى: «ئۇ تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا يۈزلىنىپ كەلدى» دېدى، ئازاب پەرىشتىلىرى: «ئۇ پەقەت ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ باقمىدى» دېدى، يەنە بىر پەرىشتە ئادەم سۈرىتىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار ئۇنى ئارىسىدا ھۆكۈم چېقارغۇچى قىلىشتى، ئۇ: «ئىككى شەھەرنىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلەر، ئۇ قايسى شەھەرگە يېقىن بولسا شۇنىڭغا ھېساب بولسۇن» دېدى، ئۇلار ئۆلچەپ ئۇ كىشىنىڭ قاراپ ماڭغان شەھەرگە يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى رەھمەت پەرىشتىلىرى ئالدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ ئادەم ياخشى شەھەرگە بىر غېرىچ يېقىن بولغاچقا شۇ شەھەرنىڭ ئەھلىدىن قىلىندى» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ تائالا يامان زېمىنغا: «ئۇ ئادەمدىن يىراقلاشقىن» دەپ، ياخشى زېمىنغا: «ئۇ ئادەمگە يېقىنلاشقىن» دەپ ۋەھى قىلدى، پەرىشتىلەرگە: «ئىككى زېمىننىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلار» دېدى، ئۇلار ئۇ ئادەمنىڭ ياخشى زېمىنغا بىر غېرىچ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىشتى، ئاندىن ئۇ ئادەمگە مەغپىرەت قىلىندى» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ ئادەم ياخشى زېمىن تەرەپكە كۆكرىكى بىلەن يىقىنلاشقان ئىدى» دېيىلگەن
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

