HadeethEnc · 1.4.0
قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۇنى قىيامەت كۈنىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسا، قىيىنچىلىقى بار كىشىدىكى قەرىزنى قايتۇرۋېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بەرسۇن ياكى قەرىزنى كەچۈرۋەتسۇن
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبۇقەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: «قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۇنى قىيامەت كۈنىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسا، قىيىنچىلىقى بار كىشىدىكى قەرىزنى قايتۇرۋېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بەرسۇن ياكى قەرىزنى كەچۈرۋەتسۇن»
02
Explanation
ھەدىسنىڭ مەنىسى: «ھەرقانداق بىر كىشىنى خۇشال قىلسا» يەنى خۇرسەن قىلسا ۋە تەئەججۇپلەندۇرسە، «ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنىنىڭ دىشۋارچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ» يەنى ئاللاھ قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتى ۋە قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، «قىيىنچىلىقى بار كىشىنى خاتىرجەم قىلسۇن»يەنى قەرىزنىڭ ۋاقتى توشقاندا، قەرىزنى تەلەپ قىلىشنى كېچىكتۈرسۇن ۋە قەرىزنى ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپقۇچە مۆھلەت بەرسۇن، «ياكى قەرىزنى بولدى قىلۋەتسۇن» يەنى ئۇ كىشىدىكى قەرىزنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى كەچۈرۈۋەتسۇن، ئاللاھ: «ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغىچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر» دېگەن. بەقەرە سۈرىسى 280-ئايەت
Attribution
[ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

