HadeethEnc · 1.4.0
بەرىرە ۋە ئۇنىڭ ئېرى ھەققىدىكى ھەدىس
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەرىرە ۋە ئۇنىڭ ئېرى ھەققىدىكى ھەدىستە مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەرىرەگە: ئېرىڭ بىلەن يېنىشىۋالغان بولساڭچۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مىنى بۇيرۇۋاتاملا؟، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، مەن مۇرەسسە قىلىۋاتىمەن، دېدى، بەرىرە: مېنىڭ ئۇنىڭغا ھېچبىر ئېھتىياجىم يوق، دېدى
02
Explanation
بەرىرەنىڭ ئېرى مۇغىس ئىسىملىك بىر قۇل ئىدى، بەرىرە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى سېتىۋىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى ئازات قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇغىس بىلەن ئۆي تۇتۇش ياكى ئايرىلىپ كېتىش ئىختىيارلىقى بېرىلگەندە ئۇ ئىرىدىن ئايرىلىپ كەتتى. مۇغىس بەرىرەگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن، ئۇنىڭ قارارىنى قايتا ئويلۇنۇپ ئۆزىنىڭ يىنىغا قايتىپ كىلەمىكىن دەپ، ياشلىرى ساقىلى ئاققۇدەك يىغلاپ، مەدىنىنىڭ كوچىلىرى ۋە يوللىرىدا ئۇنىڭ كەينىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرىرەگە: ئېرىڭ بىلەن يېنىشىۋالغان بولساڭ ساۋاب بولار ئىدى، دېدى. بەرىرە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مېنى يېنىشىشقا ۋاجىب شەكىلدە بۇيرۇملا؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، مەن پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارا تۇرۇۋاتىمەن، دېدى. بەرىرە: ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشقا ھېچبىر ئېھتىياجىم ۋە قىزىقىشىم يوق، دېدى
Attribution
[بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

