مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر، سالامغا جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر، سالامغا جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش».
Explanation
ئىككىنچىسى: كېسەل بولۇپ قالسا، كېسىلىنى يوقلاش ۋە زىيارەت قىلىش.
ئۈچىنچىسى: ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۆيىسىدىن باشلاپ جىنازە نامىزى ئادا قىلىدىغان ئورۇنغىچە ۋە ئۇ يەردىن قەبرىستانلىققىچە جىنازىگە ئەگىشىپ ھەتتا دەپنە قىلىپ بولغىچە بىرگە تۇرۇش.
تۆتىنچىسى: توي، ئەقىقە دېگەندەك زىياپەتلەرگە چاقىرىلسا، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىپ بېرىش.
بەشىنچىسى: بىر كىشى چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش. ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشكۈرگۈچى: ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئىشلىرىڭىزنى ياخشى قىلسۇن دەپ جاۋاپ بېرىش.
Benefits
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

