HadeethEnc · 1.4.0
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە كىشىلەر ئۇنى كۈتۈۋېلىشتى، مەنمۇ ئۇنى كېچىك بالىلار بىلەن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەردە كۈتۈۋالدىم
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە كىشىلەر ئۇنى كۈتۈۋېلىشتى، مەنمۇ ئۇنى كېچىك بالىلار بىلەن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەردە كۈتۈۋالدىم. ئىمام بۇخارى رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋالغىلى كىچىك بالىلار بىلەن سەنيىيەتۇل ۋەدا دېگەن يەرگە باردۇق
02
Explanation
ھەدىسنىڭ مەنىسى: سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەن ۋاقىتىدا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە (ئۈزۈرلۈك ياكى ئۆزۈرسىز تەبۇك ئۇرۇشىغا چىقمىغان كىشىلەر بىلەن) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەرگىچە چىققانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ. سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ مەدىنىدىكى كىچىك بالىلار بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋېلىشقا چىققان
Attribution
[بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

