HadeethEnc · 1.4.0
مىسۋاك ئېغىزنى پاكلايدۇ، رەببىنى رازى قىلىدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىسۋاك ئېغىزنى پاكلايدۇ، رەببىنى رازى قىلىدۇ».
02
Explanation
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىراك دەرىخىنىڭ شېخىدىن قىلىنغان مىسۋاك ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بىلەن ئېغىزنى تاماق قالدۇقلىرى ۋە يېقىمسىز پۇراقلاردىن پاكىزلاشنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئېغىزنى پاكلاش بولسا ئاللاھنىڭ بەندىدىن رازى بولىشى ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش ۋە بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش بار، شۇنداقلا پاكىزلىقتىن ئىبارەت ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئىش مەۋجۇتتۇر.
03
Benefits
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى مىسۋاكنى كۆپ ئېشلىتىشكە بۇيرىغانلىقى بولسا، مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىدۇ.
مىسۋاكنىڭ ئەڭ ياخشى بولغىنى ئىراك دەرىخىنىڭ شېخىدىن بولغىنىدۇر. بولمىغاندا چېش چوتكىسى ۋە چېش پاستىسى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
مىسۋاكنىڭ ئەڭ ياخشى بولغىنى ئىراك دەرىخىنىڭ شېخىدىن بولغىنىدۇر. بولمىغاندا چېش چوتكىسى ۋە چېش پاستىسى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
Attribution
[نىسائى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

