HadeethEnc · 1.4.0
سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ تاھارىتى بۇزۇلسا تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ تاھارىتى بۇزۇلسا تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ».
02
Explanation
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتى تاھارەت ئىكەنلىكىنى، ناماز ئادا قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ چوڭ-كېچىك تاھارەت، ئۇيقۇ ياكى يەل چىقىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن تاھارىتى بۇزۇلغان بولسا تاھارەت ئېلىشىنىڭ ۋاجىپلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
03
Benefits
مۇسۇلمان كىشى جۇنۇپ بولسا يۇيۇنمىغۇچە، تاھارەتسىز بولسا تاھارەت ئالمىغۇچە ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولمايدۇ.
تاھارەت ئېلىش بولسا؛ ئېغىزىنى چايقاپ سۇنى چېقىرىپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلاپ ئۇنى چىقىرىدۇ، يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، ئىككى قولىنى ئىككى جەينىكى بىلەن قېتىپ ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پۇتىنى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ.

Attribution
[بىرلىككە كەلگەن]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares